«مۇقام بىلەن ئۆتكەن كۈنلەر»

影视资讯人气:160时间:2022-12-14 22:18:04

نەفىسە سادىقجان

ئون ياش ۋاقتىمدا بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى «مۇقام بىلەن ئۆتكەن كۈنلەر» نى كۆرگەن ئىدىم. مانا ئەمدى 20 ياش ۋاقتىمدا ئوخشىمايدىغان ھېسسىيات، ئوخشىمايدىغان زامان، ئوخشىمايدىغان ئەقلىم بىلەن قايتا كۆرۈپ چىقتىم. دەرۋەقە، مەندىكى ھېسسىيات، مەندىكى يۈرەك تىۋىشى، مەندىكى كۆز يېشى باشقىچە.

ئون ياش ۋاقىتلىرىمدا ئۇشبۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ «ئاھ زەرەپشان سۈيىدەك، قۇرىماس كۆز يېشىمىز، كۆكلەپ تۇرار بوستانلار، دىلدا ئۆچمەس ئارمانلار » دېگەندەك ناخشا بۆلەكلىرىنى يادلىۋېلىپ غىڭشىپ يۈرگەنلىرىم ئېسىمدە. باھارگۈلنىڭ ئوغلى باتۇرغا ساتار ئۆگەتكەن مىنۇتلىرىنى كۆرگەن ۋاقتىمدىلا مەنمۇ يىللاردىن كېيىن پەرزەنتىمگە مىللىي چالغۇلارنى چېلىشنى ئۆگىتىمەن دېگەندەك خىياللارنى قىلغان ئىدىم. مانا ئەمدى شۇ خىياللارغا خىياللار قېتىلىپ ئۆز ۋەزىپەمنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ، نەقەدەر ئېغىر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ تۇرۇپتىمەن.

ئابدۇللا ئاكىنىڭ ساتارنىڭ مۇڭلۇق كۈيىنى ياڭرىتىپ ئون ئىككى مۇقامنىڭ «ئابى چەشمە» قىسمىنى ئورۇندىغىنىچە بىزدىن مەڭگۈلۈك خوشلاشقان مىنۇتلىرىنى كۆرگەن ۋاقتىمدا خۇددى زېمىننى يورۇتۇپ تۇرىۋاتقان نۇرلۇق قۇياش ئۆچكەندەك زېمىننى قاراڭغۇلۇق قاپلىغاندەك ھېس قىلىپ كەتتىم.

بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى تۇرمۇش چىنلىقىغا ۋە بەدىئىي چىنلىقىغا كۈچلۈك ئىگە. ئابدۇللا ئاكىنىڭ كۆكسى-قارنى كەڭ، كىچىك پىئىل، ئەپۇچان، ئۇلۇغ دېھقان روھى. باۋۇدۇننىڭ ھەقىقىي ئەركەكلەرگە خاس مەرد-مەردانلىقى، توڭ مۇئەللىمنىڭ كەسىپچانلىقى قانچە روشەن گۈزەل مەدھىيەلەنگەن بولسا، ھاشىمجان ئاكىنىڭ قادىر ۋە راخمانلارنىڭ رەزىللىكى شۇنچە بەتبەشىر ھالەتتە ئېچىپ تاشلانغان.

«مۇقام بىلەن ئۆتكەن كۈنلەر» مۇقام ھەققىدىكى ئىبارىلەر ئىچىدىكى ئەڭ گۈزىلىدۇر. مۇقام شەنىگە ئوقۇلغان ئەڭ گۈزەل مىلودىيەدۇر ۋە يەنە مۇقامنىڭ ئۇلۇغلىقىغا يېزىلغان داستانلارنىڭ گۆھەر تاجىدۇر.

خەلقىمىزنىڭ مۇقامنى بۇنچە ئەزىزلەپ ساقلىشى بىزنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىمىزنىڭ سەنئەت سۆيگۈسىنىڭ مەڭگۈگە ئۈزۈلمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بەرسە كېرەك.

本站所有视频和图片均来自互联网收集而来,版权归原创者所有,本网站只提供web页面服务,并不提供资源存储,也不参与录制、上传
80s电影网免费提供最新热门高清电影,好看的综艺节目,欧美电影大片,日本动漫,韩国电视剧,看电影就来80s电影网电影网
若本站收录的节目无意侵犯了贵司版权,请发邮件至